UyghurMain Dictionary
مۇرشىد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يول باشلىغۇچى، رەھبەر؛ پىر، ئىشان:
پىرى مۇرشىدنىڭ قاشىغە بارماغان،
نەپسى شەيتاننىڭ قولىنى قارماغان.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توغرا يولغا باشلىغۇچى، يول كۆرسەتكۈچى؛ سوپىلىقتا: پىر، ئىشان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەسلىي ئەرەبچە «رەشد» (يول) سۆزىدىن ياسالغان سۆز بولۇپ، «يول باشلىغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، تەسەۋۋۇپچى پىرقىلەرنىڭ دىنىي ئۇستازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار دىنىي پىرقىغە يېڭىدىن قاتناشقان مۇسۇلمانلارنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مۇرشىت
يېتەكچى، رەھبەر، قوماندان، يول كۆرسەتكۈچى