Chinese→UyghurMain Dictionary
母权制大家庭
دۇنيا تارىخى
ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلە
ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە جۈپ نىكاھلانغان بىرنەچچە ئەر - ئايالدىن تەركىب تاپقان ئائىلە جامائەسى. تەخمىنەن ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدىكى ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىقى ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن مەزگىلدە مەيدانغا كېلىپ، ياۋايىلىقنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىغا كەلگەندە بارا - بارا پاترىئارخاللىق تۈزۈمىگە ئۇرۇن بوشىتىپ بەرگەن. ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلە ئىپتىدائىي كوممۇنىزملىق ئىقتىسادىي كوللىكتىپ بولۇپ، ئورتاق ئۆي ۋە باغ - ئارام قاتارلىقلار بولغان. بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئىستېمال قىلغان. ساقلانغان بۇيۇملار جامائەتنىڭ ئىلكىدە بولغان. ئائىلىدىكى ئاياللار ئوخشاش بىر ئۇرۇققا مەنسۇپ بولۇپ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. شۇڭا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە نىكاھنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان. ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلە ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىقىنىڭ ئىقتىسادىي بىرلىكىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جۈپ نىكاھلانغان كىچىك ئائىلىلەر تېخى ئىقتىسادىي بىرلىك ھېسابلانمىغان. باشقا ئۇرۇق (ئاناجەمەت) قا مەنسۇپ بولغان ئەرلەر ئايال تەرەپكە <ئىچ كۈيئوغۈل بولۇپ كىرسىمۇ>، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرلىشىشى دېگەندەك مۇستەھكەم بولمىغان، ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ خارابىلىرىدا تىك تۆت بۇلۇڭلۇق كەپىلەر بولۇپ، بۇلار ماترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى چوڭ ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولسا كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك كەپىلەر بولسا جۈپ نىكاھۆنغان ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشى كېرەك. شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرى ئروكىزلارلارنىڭ <ئۇزۇن كەپىلىرى> ماترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى چوڭ ئائىلىلەرنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.