UyghurMain Dictionary
مۇقىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرغۇن، دائىمىي، مۇقىم:
بولغالى كويۇڭدا قويمايدۇر قەدەم نارى، مۇقىم،
ئاستانەڭ ئالدىدا گوياكى دەرباندۇر كۆڭۈل.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرغۇن، تەرتىپلىك ھالەت.
قاتمۇ قات تاغ ئۇلىدىن مۇقىم. تۇراقلىق ئىبارە: تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بىر جايدا دائىم تۇرىدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان، تۇراقلىق.
مۇقىم مۈلۈك. مۇقىم ئىشچى. گەپنى مۇقىم قىلماق.
دائىما بولۇپ تۇرىدىغان، ھەمىشە، دائىم.
- شەھەردىن بىز تەرەپكە قاتنايدىغان مۇقىم ماشىنا يوق، - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەڭگۈلۈك، دائىم تۇرغۇچى