Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇقەننا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
马堪那起义
mǎ kān nà qǐ yì
مىلادى 776 - 783-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. يولباشچىسى ھاشىم ئىبنى ھاكىم يېشىل رخت بىلەن يۈزىنى نىقابلىۋالغاچقا، مۇقەننا (مەنىسى نىقابلانغۇچى) دەپ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار خۇررام مەزھىپى ئەقىدىسىنى چاقىرىق قىلغان ھەمدە ئاق كىيىم، كىيىپ، ئاق ئەلەم تۇتۇپ، شۇ ئارىقىلى قارا كىيىم قارا ئەلەملىك ئابباسىلار خاندانلىقى بىلەن قارشىلاشقاچقا يەنە <ئاق كىيىملىكلەر قوزغىلىڭى> دەپمۇ ئاتالغان. قوزغىلاڭچىلار فېئودال خوجىدارلارنىڭ ۋە ئەرەب خەلىپە قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. كېيىن ئابباسىلار خاندانلىقى يىرىك ھەربىي كۈچ ئەۋەتىپ، مۇھاسىرە قىلىپ يوقىتىپ، بۇخارا ئەتراپىدىكى نەرشەخ، سەمەرقەند قاتارلىق قوزغىلاڭ بازىلىرى كەينى - كەينىدىن قولدىن كەتكەن. 783-يىلى، مۇقەننانىڭ كېشتىكى قورغىنىمۇ بىتچىت قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇقەننا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.