Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇنك
دۇنيا تارىخى
蒙克
méng kè
(1863 - 1944)، نورۋېگىيىلىك ماي بوياق رەسىم ۋە ئويما رەسىم رەسسامى. ھەربىي دوختۇرنىڭ ئوغلى. كرىستىنىيانا (ھازىرقى ئوسلو) دا ناتۇرالىست رەسسما كروگتىن ئۆگەنگەن، كېيىن پارىژ، ئىتالىيىلەرگە بېرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1892-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيىدە 15 يىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەسىم ئۇسلۇنىنى تەدرىجىي ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، گېرمانىيە ئىپادىچىلىكىنىڭ پېشىۋاسىغا ئايلانغان. 1908-يىلى ئەس - ھوشى جايىدا بولماي قالغان، كېيىن دانىيىدە قىسقا مۇددەت تۇرۇپ، 1910-يىلى نورۋېگىيىگە قايتىپ كەلگەن، ئەمما يەنىلا رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن. 1916-يىلىدىن باشلاپ كرىستىنىيانانىڭ يېنىدىكى يېزىدا ياشىغان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە كۆپتۈرمىچلىك ۋە كۆركەم رەڭلەرنى ئىشلىتىپ، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى تەكىتلىگەن. كۆپىنچە ئۆلۈم، قورقۇنچ، ئازابلىنىش، ھەسەت قىلىش، تەلۋىلىكلەرنى سۇژىت قىلغان. <ئاغرىق بالا>، <باھار>، <توۋلاش>، <سۆيۈشۈش>، <ئۆز سۈرەتلىرىم> ۋە ئوسلو داشۆسى ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن تام رەسىملىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.