Chinese→UyghurMain Dictionary
慕尼黑协定
دۇنيا تارىخى
ميۇنخېن كېلىشىمى
تولۇق نامى <گېرمانىيە بىرلەشمە كورۇللۇقى، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم>، 1938-يىلى 9-ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىىر چېمبېرلىن، فرانسىيە زۇڭلىسى دالادېر بىلەن گېرمانىيىدىكى گىتلېر، ئىتالىيىدىكى مۇسسولىن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىمزالىغان چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودېت زېمىنىنى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش توغرىسىدىكى كېلىشىم. 1938-يىلى 3-ئايدا فاشىست گېرمانىيە ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋېلىشقا كىرىشكەن. ئەنگلاىيە، فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ بېسىمى ئالدىدا گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چېخوسلوۋاكىيىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي، شۇ ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ ھۇجۇمىنى سوۋېت ئىتىتپاقىغا قارىتىشقا ئۇرۇنغان. گېرمانىيە بىلەن مۇرەسسسە قىلىش ئۈچۈن، كېلىشىمدە چېخوسلوۋاكىيە سودېت رايونى ۋە ئاۋسترىيە بىلەن چېگرىداش بولغان جەنۇبىي رايوننى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ قالغان زېمىنىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا <كاپالەتلىك قىلىش> بەلگىلەنگەن. چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى 10 - 11-ئايلاردا گېرمانىيە قوشۇنى سودېت رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1939-يىلى 3-ئايدا گېرمانىيە ئەسكەر چىقىرپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ بارلىق زېمىنىنى بېسىۋالغان ھەمدە 9-ئايدا پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. كېيىن بىر مەھەللىك خاتىرجەملىكنى دەپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىققا يول قويغان بۇ سىياسەت <ميۇنخېن سىياسىتى> دەپ ئاتالغان.