UyghurMain Dictionary
مۇنەۋۋەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نۇرلۇق، روشەن، پارلاق، يورۇق:
بانىپ سەئدىن ئاندىن قىلىپ كۆپ فىغان،
بولۇپ شام گويا مۇنەۋۋەر جەھان.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نۇرلۇق، روشەن، پارلاق، يورۇق، نۇرلانغان. مەسىلەن: قۇياش چىقىپ يەر يۈزىنى مۇنەۋۋەر ئەيلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتە ئالدىدا يۈرگۈچى.
<ئىلغار> سەۋىيىسى يۇقىرى، ئۈلگە بولغۇچىغا قارىتىلىدۇ.
<مۇنەۋۋەر> ئەخلاق ۋە بىلىمدە ياخشى بولغان كىشىگە قارىتىلىدۇ.
بىر تال گۈل بىلەن باھار بولمايدۇ، بىرلا ئادەم ئىلغار بولسا، ھامان يالغۇزلۇق قىلىپ قالىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياشلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇكاپاتلاندى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، سەۋىيىسى يۇقىرى. ئىلغار ئىشچى، مۇنەۋۋەر كادىر
قالاق، ئارقىدا قالغان
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغان، سەۋىيىسى تۆۋەن. قالاق ئىشچى، قالاق كادىر
ئىلغارلار قالاقلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك. قالاق ئىدىيىدىن ئىلغار ئىش چىقمايدۇ. قالاق يېزا ئىگىلىك مەملىكىتىنى ئىلغار سانائەت مەملىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز. مۇنەۋۋەر كادىرلار ھەممىگە ئۈلگە بولۇشى لازىم. ئارقىدا قالغانلار ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىشى ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىشى لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئېسىل، ئالدىنقى قاتارىدىكى.
مۇنەۋۋەر ئەسەر. مۇنەۋۋەر ئۇقۇتقۇچى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مىنەۋەر
نۇرلۇق، نۇرلانغان، ئۇلۇغ