UyghurMain Dictionary
مۇنبەر سوتسىيالىزمى
دۇنيا تارىخى
(19 - ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 90-يىللىرىغىچە بولغان بۇرژۇئا ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ بىرى. گېرمانىيىدە مەيدانغا كېلىپ، كېيىن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان، ۋەكىللىرى ئاساسەن گېرمانىيىدىكى ئەركىن بۇژۇئازىيىنىڭ بەزى چوڭ پروفېسسورلىرى، ئالايلۇق، ۋاگنېر )1835 - 1917(، شمولې )1838 - 1917(، برېنتانو )1844 - 1931(، سومبارت )1863 - 1941( قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلاrنىڭ مۇنبەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، سوتسىيالىزم ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بۇردۇئا ئىسلاھاتچىلىقىنى بازرغا سالغان، شۇڭا مۇنبەر سوتسىيالىزمى )مۇنبەر ئىسلاھاتچىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ( دەپ مەسخىرە قىلىنغان. ئۇلار كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە سىنىپىي زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ تارقىلىشى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتنىڭ تەرققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتدىكى سىنىپىي زىدىديەتنى يوققا چىقىرىپ، سىنىپىي مۇرەسسەنى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەت سىنىپتىن خالى تەشكىلات، ئۇ دۈشمەن سىنىپلارنىڭ زىددىيىتىنى كېلىشتۈرەلەيدۇ. كاپىتالىستلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىق شەرتى ئاستىدىمۇ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بارا - بارا <سوتسىيالىزم> نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدە دەپ ھېسابلىغان. 1873-يىلى <ئىجتىمائىي سىياسەت ئىلمىي جەمئىيىتى> نى قۇرۇپ، ئىجtىمائىي سۇغۇرتا ۋە بەزى ئەمگەك شارائىتلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ئىشچىلار سىنىپىنى كۈرەشتىن ۋاز كېچىپ، بۇرژۇئا ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشقا قىزىقتۇرغان.