UyghurMain Dictionary
مۇناپىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئېتىقادىدىن يانغان، بىردە ئۇنداق، بىردە مۇنداق، دىلى بىلەن تىلى بىر ئەمەس شەخس.
مۇناپىققا ھەمراھ بولغان ئادەمنىڭ جايى زىنداق. مىللىي مۇناپىقلار قۇرۇپ كەتسۇن. مۇرتەدلەر گۇم بولسۇن. ئىككى يۈز ئەبلەخلەر خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقىغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. ئۇ دۆيۈز خەلق ئىچىگە تەپرىقە سېلىپ يۈرىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ساختا مۆمىن» «ساختا مۇسۇلمان» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ھىجرەتتىن كېيىن، كۆرۈنۈشتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھىمايە قىلغان بولۇپ، ئاستىرتتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرغان مەدىنىلىكەر كۆزدە تۇتۇلغان. بۇلارغا ئابدۇللا بىننى ئۇبەي ۋەكىللىك قىلغان. ئۇ سىرتقا جازا يۈرۈشى قىلىشنى قوللىمىغانلىقتىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يوشۇرۇن خەۋپ، دەپ تونۇلغان. «قۇرئان كەرىم» نىڭ 36 - سۈرىسىدە مۇناپىقلار ئەيىبلەنگەن. كېيىن ئادەم تىللايدىغان سۆز قىلىپ ئىشلىتىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
تىلى باشقا، دىلى باشقا، سۆز - ھەرىكىتى بىر - بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان، سەمىمىيەتسىز؛ ئىككى يۈزلىمە.
مۇناپىق ئادەم. مىللىي مۇناپىق.
كۆچمە <قارا يۈز>، <ۋىجدانسىز> دېگەن مەنىدىكى تىل - ھاقارەت سۆزى.
تۆمۈر خەلپە كىشەن - زەنجىرلىرىنى شاراقلىتىپ ئورنىدىن تۇردى - دە، <تۈفى! مۇناپىق، دوزىخىي! سەندىن كەلگەن ۋاپا شۇمۇ؟> دېدى.