Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇمىئې
دۇنيا تارىخى
穆米埃
mù mǐ āi
(تەخمىنەن 1925 - 1960) كامېرۇن خەلق ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. دوختۇر. فرانسىيىنىڭ پارىژ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1948-يىلى كامېرۇن خەلق ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1955-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1958-يىلى ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولغان. 1959-يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى جەنۋەدە ئۆلتۈرۈلگەن.