UyghurMain Dictionary
مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
Domain: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، خېۋىر تۆمۈر يازغان تارىخىي بىئوگرافىك قىسسە بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1 - قىسمى 1981 - يىلى 11 - ئايدا، 2 - قىسمى 1991 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن داڭلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى، جۈملىدىن خەلق ئاممىسى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان يۇمۇر - قىزىقچىلىقلىرىنى ئاساس قىلىپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بەدىئىي جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ يېزىلغان بۇ قىسسەدە موللا زەيدىن ياشىغان دەۋردىكى ئومۇمىي كەيپىيات چىڭ تۇتۇلۇپ، موللا زەيدىننىڭ خەلقپەرۋەرلىكى ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.