UyghurMain Dictionary
مۇلاقات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش:
يوق بادەن ۋەسل ئابى ھەيۋان ئول ئېمىش،
ئەھباب مۇلاقاتى دېمە جان ئول ئېمىش.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ئۇچرىشىشى، كۆرۈشۈش، يولۇقۇش.
مۇلاقات بولماق.
ئۇلارنىڭ ئېتىنى <كېلىن> بىلەن قىز يېتىلەپ تېز چاپقىنىچە يول يۈرۈپ ھېلىقى باغقا كەپتۇ، شاھزادە بىلەن شاھ قىزىغا مۇلاقات بوپتۇ.