UyghurMain Dictionary
مۇڭلانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايغۇ - ھەسرەتتىن ئۆكۈنمەك، زارلانماق.
نالە قىلغانغا دەرد ئازايماس. پىغان چەكسەڭ پەيتىگە قارا. مۇڭلانمىسا، مۈشۈكمۇ ناخشا ئېيتىدۇ. ئىشىڭ ئوڭغا تارتمسا، پەرياد كۆتۈرگىنىڭ بىكار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مۇڭلۇق، مەيۈس، غەمكىن ئەھۋالغا چۈشمەك؛ مەيۈسلەنمەك.
ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئۇزۇنغا بارمىدى، ئۇنىڭ كۈلكىسى ئاستا - ئاستا غايىب بولۇپ، كۆزلىرى يەنە مۇڭلاندى.