Chinese→UyghurMain Dictionary
穆拉比特王朝
دۇنيا تارىخى
مۇرابىت خاندانلىقى
ئەل مۇراۋىد خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ غەربي شىمالىي قىسمى، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بەربەرلەرنىڭ فېئودال خاندانلىقى (1061 - 1147). Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى، بۈگۈنكى ماۋرىتانىيىنىڭ زېمىنىدا، بەربەرلەر قەبىلىسىدىكى ئىسلام تىنولوگى ئابدۇللا ئىبنى ياسىن <ئىسلام دىنىنى پاكلاشتۇرۇپ>، غەيرىي دىندىكىلەرگە قارشى <غازات> ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئەسلى سىنگال دەرياسى ئىچىدىكى بىر ئارالدىكى موناستىر (ئەرەبچە رىبات< دا ئولتۇراغانلىتقىن >مۇرابىتۇن< دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ مەنىسى مۇداپىئەلىك مۇناسىتىردا ئولتۇرغان كىشى دېگەنلىك، خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن نام ئالغان. تەخمىنەن 1058 يىلى ئىبنى ياسىن ئۇرۇشتا ئۆلگەن. 1061-يىلى ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپ ئىبنى تاشفىن )1061 - 1106-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان( مۇرابىت خاندانلىقىنى قۇرغان. 1062-يىلى ماراكەشنى )ماراكەشنىڭ زېمىنىدە( پايتەخت قىلغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىبىن تاشفىن بۈگۈنكى ماراكەش، ئالجىريىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. 1086-يىلى يەنە ئىسپانىيىدىكى ئەرەبلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ، زاللاكا جېڭىدە لېئون پادىشاھلىقى ۋە كاستىلىيە كورۇلى ئالفونسو Ⅵ نى مەغلۇپ قىلغان. ئارقىدىن ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىنى بېسىۋالغان. بۇ خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى دېھقانلاr ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ باج - سېلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، دەھرى مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، بۇ ھال خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1147-يىلى مۇۋاھىدە خاندانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
دىن
mù lā bǐ tè wáng cháo
伊
ئىسلام دىنى
مۇرابىت سۇلالىسى