UyghurMain Dictionary
مۇجتەھىد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىنتايىن تىرىشچان، بەك ئىجتىھاتلىق، قالتىس غەيرەتلىك؛ دىن ئۆلىماسى:
ھەم رەسۇلغە مۇتەبىئەت قىلسە،
مۇجتەھىد سۆزلەرىنى ھەق بىلسە.
ن. زىيائى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىرىشقۇچى، ئىجتىھات قىلغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «تىرىشچان»، «تىرىشكۈچى » دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى جامائەت ئېتراپ قىلغان نوپۇزلۇق ئۆلىمالار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار ئىسلام فىقھەسىنى ۋە ئىلمىي تەۋھىدنى تەتقىق قىلىدۇ. شەرىئەت ۋە ئىلمىي تەۋھىدكە دائىر مەسىلىلەنى بىر تەرەپ قىلغاندا، شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ياكى ئىجتىھادنى ئوتتۇرىغا ھوقوقلۇق بولىدۇ. كىشىلەرگە بۇ نامنى ئىسلام دۆلىتى بېرىدۇ. سۇننىي مەزھىپىدە تۆت ئەھلى فىقھەنى قۇرغانلار ۋە ئىناۋەتلىك ئايرىم ئۆلىمالار مۇشۇ نام بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ قارىشىچە، مۇجتەھىدلەر ھەر قانداق دەۋردە مەۋجۇ بولۇۋېرىدۇ ھەمدە غايىب ئىمامنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا ھوقۇقلۇق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نوپۇزى ئۆلىمالارنڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.