UyghurMain Dictionary
مۇھىت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوكيان، دېڭىز:
دائىرە.
1. ئافەرىنىشىنى ئىھاتە ئەيلەبان ئاندق ۋۇجۇدۇڭ،
كى مۇھىت ئول دائىرە كۆك نۇقتەدەك كىمبولسە مەركەز.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوراپ ئالغان، قاماپ ئالغان، ئىچىگە ئالغان، سىغدۇرغان؛ ئارا، دائىرە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىنىڭ پەيدا بولۇشى، ياشىشى ۋە ئۆسۈشىنى تەمىن ئېتىدىغان ئامىللار، ئەتراپتىكى شەرتلەر.
قىيىن شارائىت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. مۇھىت تازىلىقىنى ساقلاش ھەر بىر ئاھالىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدىكى بۇرچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھايات، پائالىيەت داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي شارائىتلار؛ ئەتراپتىكى يەر - جايلار، ئەتراپ.
مۇھىت تازىلىقى. تەبىئىي مۇھىت.
ھۈنەر - كەسىپ، ئىش - پائالىيەت ۋە شۇ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر - بىرىگە باغلىق بولغان كىشىلەر دائىرىسى؛ ئەتراپتىكى ئەھۋال ياكى شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى؛ ئەتراپتىكى ئەھۋال ياكى شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى.
سېسترالار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، شەھەرلىك بىرىنچى دوختۇرنىغا تەقسىم قىلىنغان گۈلباھار يېڭى مۇھىتقا ناھايىتى تېزلا كۆنۈپ كەتتى.
<فىز> بىر خىل ماددا يەنە بىر خىل ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ مۇھىتى بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەممىنى باشقۇرغۇچى