UyghurMain Dictionary
مۇھسىن فايز كەشانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن. ئەسلىي ئىسمى مۇھەممەد بىننى مۇرتەزا. ئىراندىكى كاشاندا دۇنياغا كەلگەن. موللا سەدرەنى ئۇستاز تۇتتى. نۇر باخشىيەگە ئەزا بولدى. قازى بولدى. فىقھە جەھەتتە ئەخبارىيەگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ يازغان <ئەل ۋەفى> تۆت ھەدىس شېرىپنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىزاھاتى بولۇپ، مەجلىسى يازغان <بىھارول ئەنۋار> ۋە ھۇر ئەمرى يازغان <شىئە مەزھىپىنىڭ ئەھمىيىتى> بىلەن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىئە مەزھىپىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى بولۇپ قالدى. بۇلاردىن باشقا، سەدىردىن شىرازى پەلسەپە ۋە ئىلمىي تەپسىر جەھەتلەردە <تەلىم - تەربىيە پرىنسىپلىرى>، <ئاجايىپ ئىبارىلەر>، ئىلمىي ھەدىس جەھەتتە <سادىقلىق ۋە لەۋزىدە تۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.