Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇھەممەد مەھدى
Domain: دۇنيا تارىخى穆罕默德.马赫迪
mù hǎn mò dé .mǎ hè dí
(تەخمىنەن 1844 - 1885) سۇداننىڭ مىللىي قەھرىمانى، ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئەھمەد. دونگولادىكى كېمىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنى تەربىييىسى ئالغان. ئاق نىل دەرياسىدىكى ئابال ئارىلى ۋە كوردوۋەن قاتارلىق جايلاردا دىن تارقاتقان. 1881-يىلى 6-ئايدا ئۆزىنى مەھدى (قۇتقازغۇچى) دەپ ئاتىۋالغان ۋە خۇدانىڭ ۋەھىيىسىنى قوبۇل قىلدىم دېگەن. 8-ئايدا ئابال ئارىلىدا <غازات> ئېلان قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل بولۇپ، باشقا دىندىكىلەر ۋە ئەنگلىيە - مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغاق ويغان. شۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىقى جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىنلا غەربىي قىسىمدىكى كادىر تاغلىق رايونىغا بارغان. 1883-يىلىنىڭ بېشىدا قوزغىلاڭ سۇداننىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىغىچە كېڭەيگەن. شۇ يىلى ئەنگلاىيە گېنېرالى شىكېس قوماندانلىقىدىكى مىسىرنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى تولۇق يوقاتقان. 1885-يىلى خارتۇمنى ئىشغال قىلىپ، باش ۋالىي گرودىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، سۇداننى ئازاد قىلىپ، تارقاق قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەھدى دۆلىتىنى قۇرغان، ئومدۇرماننى پايتەخت قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ۋاپات بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.