UyghurMain Dictionary
مۇھاسىبى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ ئابدۇللا ھارىس بىننى ئەسەد مۇھاسىبى 781 - 857) ئىسلام دىنىدىكى سىرلىقلاشتۇرغۇچى بولۇپ، <ھارىس بىننى ئەسەد ئەنەزى> ياكى <ھارىس مۇھاسىبى>، <مۇھاسىبى> مۇ دېيىلىدۇ. مەنىسى <ۋىجدانىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ كۆرگۈچى> دېگەنلىك بولىدۇ. بەسرەلىك. ئىلمىي فىقھەدە ئىمام شافىئىي مەزھىپىگە مەنسۇپ. ياش چاغلىرىدا مۇئتەزىلىيەنىڭ ئىدراكچىلىقىغا مايىل بولۇپ، كېيىن تەسەۋۋۇپچىلىقىغا بۇرالدى. رىيازەتتە دىلنىڭ ھاياتى ۋە ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان قورقۇشنى، سادىق بولۇش، خاتىرجەم بولۇش، تۆۋە - ئىستىغپار ئوقۇش، ئېھتىيات قىلىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، مۇھەببەت بولۇش، شۈكرى قىلىش ئارقىلىق روھنى پاكلاشنى تەكىتلىدى. ئاللانىڭ ئالدىدىكى بۇچنى ئادا قىلىش يەنى قىيامەت سورىقىنى ئەسلەپ تۇرۇش كېرەك. دەھرىي نىيەت ھەممە گۇناھنىڭ بىلتىزدۇر. ئىنسان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدراكنى تەتبىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىدى. روھنىڭ ئالىي قىسمىنىڭ تەن بىلەن بىرلىشىشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولىدىغانلىقىغا، ئاللا ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى ماھىيەتنى سىڭدۈرۈۋەتكەنلىكىگە، شۇنىڭ بىلەن ئىنسان روھىنىڭ ئاللاغا قايتىدىغانلىقىغا ھەمدە ئاللا بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا؛ ئىنسان روھىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك قىسمى بولسا، يامانلىق ئۆسىدىغان جاي ئىكەنلىكىگە، ئىنسان ئاللا بىلەن قوشۇلۇش ئۈچۈن، بۇ <دەھرىي ئۆزى> دىن غالىب كېلىشى كېرەكلىكىگە ئىشەندى. تەسەۋۋۇپچىلىققا ھەدىستىن ئاساس ئىزدەپ، ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى قارشى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. مۇئتەزىلىيەنى تەنقىد قىلىشقىمۇ قاتناشتى. شاگىرتى جۇنەيد ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن، ھاياتىدا كىشىلەر تەرىپىدىن گۇمانغا قالدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۇ يازغان <ئىلاھ سەلتەنەتىگە ئەمەل قىلىش> نانلىق ئەسەر تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇھىم نەزەرىيىۋى ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇئتەزىلىيەلەرگە رەددىيە بېرىدىغان راتسىئوناللىق ئەسەرلەرنىمۇ يازدى، كۇفەدە ئالەمدىن ئۆتتى.