UyghurMain Dictionary
مۈرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ قوللىرى دۈمبىگە، بويۇنغا تۇتاشقان يەر.
كۆزى گەجگىسىگە چىقىپ قاپتۇ، ئەقلى دۈمبىسىگە. سۇنغان قول يەلكىگە يۈك. يېتىمنىڭ رىزقىنى يېگۈچە، پاتىڭىڭدىن كېسىپ يە. ئۆيىگە توشۇغاننىڭ شىللىسى ئاغرىماس. خەقنى مۈرەڭگە چىقارساڭ، ھە دېگۈچە بېشىڭغا چىقىدۇ. دولسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> ئادەم بىلىكىنىڭ يۇقىرىسىدىكى بويۇنغا تۇتاشقان ئىككى تەكشى جاي، دولا.
مۈرىگە ئالماق. مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلماق. مۈرىسىنى چىقارماق.
<زوئول> ھايۋانلارنىڭ ئالدى پۇتىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك بار قىسمى.
كىيىمنىڭ ياقىغا تۇتاش ئىككى ياندىكى قىسمى.
بۇ كۆڭلەكنىڭ مۈرىسى سەل كەڭ بولۇپ قېلىپتۇ.