UyghurMain Dictionary
مۈلۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددىي بايلىق
قولىدا مېلى يوقنىڭ چىرايىدا قېنى يوق. مېلى يوقنىڭ ھۆسنى يوق. ئەخلاق بىلەن ھۈنەر ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان ئەڭ ياخشى مۈلۈك. تەئەللۇقاتىڭ تولۇپ تۇرسىمۇ تاماشاغا بېرىلىمە. ياشلىقتا دۇنيا دەپىنە ئىزدىمە. ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
دۇنيا تارىخى
ئەرەب ئىمپېرىيىسىدىكى خۇسۇسىي يەر. مۇنداق يەرگە ئىگە بولغۇچىلاردا ۋارىسلىق قىلىش، ئىختىيارىي ئۆتۈنۈپ بېرىش، تەقدىم قىلىش ۋە ئېلىپ - سېتىش ھوقۇقى بولغان، لېكىن خەلىپىگە باج تاپشۇرغان. ئەرەبلەر بويسۇندۇرغان رايونلاردا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ يېرى، بويسۇندۇرۇلغۇچىلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام مۇرىتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان يەرلەر تاشلىنىپ كەتكەن، كېيىن مۇسۇلمانلار تېرىپ كەلگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جۈملىگە كىرىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بايلىق، مەنقۇلات؛ مەملىكەت؛ پادىشاھ، خان