UyghurMain Dictionary
مۇدىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايلاندۇرغۇچى، ئايلاندۇرۇپ يۈرگۈزگۈچى؛ ئىدارە قىلغۇچى.
غەم تۈنى سەرگەشتە باشىم ھەم سپېھرىدۇر مۇدىر،
ئاندا كەۋكەب زاھىر ئولغان يۈز ئۆزە ھەر قەترە ياس.
نەۋايى.
2. ۋۇ بىر قەرى دەۋر ئەتتى چەرخى مۇدىر،
چىقاردى بۇ ئەئجۇبەن دىلپەزىر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باشقۇرغۇچى؛ ئايلاندۇرغۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپ - مەدرىسە، كومىتېت - ھەيئەت، ئىشخانا - كارخانىلارنىڭ باشلىقى.
شنجاڭ داشۆنىڭ مۇدىرى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. قارىماي نېفىتلىكنىڭ دېرىكتورى. شىنجاڭ پولات تۆمۈر شىركىتىنىڭ جىڭلىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىدارە، تەشكىلات، مەكتەپ قاتارلىقلارغا مەسئۇل كىشى.
مەكتەپ مۇدىرى. كومىتېت مۇدىرى.