Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۇددىئا
پسىخولوگىيە
动机
dòng jī
بۇ ھەرىكەتنىڭ بىۋاستە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، كىشلەرنى مەلۇم مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىچكى سەۋەب، شەخسنىڭ ھەرىكەتلىنىش ۋە ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى بىر خىل پىسخىك ھالەت. ئەھۋالنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، مۇددىئا شەكلىمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ھېسسي تەسەۋۋۇرى، ئىدىيە، ئەخلاقىي غايە دېگەنگە ئوخشاش تۈرلىرى بار. كىشلەر بىر كونكرېت ھەرىكەتنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى، بۇ ھەرىكەتنى قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئېنىق ئاڭقىرىشى چوقۇم. مۇددىئا « نېمە ئۈچۈن » دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرسە، مەقسەت « نېمىگە ئېرىشمەكچى؟» ئىكەنلىكىگە ( يەنى نەتىجە مەسلىسىگە ) جاۋاب بېرىدۇ. دېمەك ئالدىنقىسى ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىگە، كېيىنكىسى ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىگە جاۋاب بېرىدۇ. مۇددىئا بىلەن مەقسەت بىۋاستە باغلىنىشلىق، لېكىن بەزىدە ئىپادىسى بىر خىل بولمايدۇ. بىر خىل مەقسەتتىكى ( مەسلەن، ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولماقچى بولغان ) ئوقۇغۇچىنىڭ مۇددىئاسى كۆپىنچە باشقا بولىدۇ: بەزىلەر ئۆگىنىشنى كېلەچەكتىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت دەپ چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن؛ بەزىلەرنىڭ نام - مەنپەئەت قوغلىشىش بولۇشى مۇمكىن؛ بەزىلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولۇشى مومكىن. ئۆگىنىش مۇددىئاسى ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەقسىتى بىر خىل بولماسلىقى مۇمكىن: بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى كىچىكرەك، يېقىنراق بولۇشى؛ بەزىلىرىنىڭ يىراقراق، چوڭراق بولۇشى مۇمكىن، خۇددى سەۋەب - نەتىجە ئارلىقىدا دىئالېكتىك مۇناسىۋەت بىرلىكى بولغاندەك. مەقسەت بىلەن مۇددىئا بىر - بىرىگە ئالمشىدۇ ( ئۆزگىرىدۇ ): بىر خىل ئەھۋالدا مۇددىئا بولغان نەرسە، باشقا بىر ئەھۋال ئاستىدا مەقسەت بولۇشى مۇمكىن.
مۇددىئا مۇقەررەر ھالدا كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن مۇددىئا بىلەن ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىلا بىردەك بولمايدۇ. ئوخشاش مۇددىئا ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىشى مۇمكىن؛ ئەكسىچە، ئوخشاش بولمىغان مۇددىئا بىر خىل ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ھەرىكەتنىڭ مەقسىدى بولمىسمۇ، ئۇنىڭ مۇددىئاسى مۇشۇ ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى بولغاندىلا، ئاندىن كىشىنىڭ ئىدىيۋى ئەھۋالى ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا پىسخولوەىيە بىلەن پىداگوگىكا ساھەسىدە بىر كىشىنڭ ھەرىكەت مۇددىئاسىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە باھا بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇددىئا ئېھتىياج ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ماسلىشىشىغا قاراپ، تەبىئىي مۇددىئا بىلەن مەنىۋىي خاراكتېرلىك مۇددىئا ( « ئېھتىياج» غا قاراڭ) لارغا بۆلۈنىدۇ. مۇددىئا يەنە ھەرىكەتتىكى رولىغا ئاساسەن ئۈنۈملۈك مۇددىئا ۋە ئۈنۈمسىز مۇددىئالارغا بۆلۈنىدۇ. ئۈنۈملۈك مۇددىئا كىشلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىغا ئاساسلىنىپ ئوتتۇرغا قويغان مەقسىدى ھەمدە مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قىلغان ئاكتىپ ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ؛ ئۈنۈمسىز مۇددىئا ئەمەلىي ھەرىكەت پەيدا قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچ بىر ئۈنۈممۇ ھاسىل بولمايدۇ. مۇنداق مۇددىئانىڭ رولى پەقەت كىشلەرنىڭ ئىدىيىسىدە ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن پەيدا بولغان بىر خىل ئالاھىدە مايىللىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بەزىدە بىر خىل ئىچكى خىيالىي پائالىيەت - خام خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.
پائالىيەت جەريانىدا، بەزىدە كىشىدە مۇرەككەپ، خىلمۇ خىل، ھەتتا بىر - بىرىگە زىت بولغان مۇددىئالار پەيدا بولىدۇ.بۇ چاغدا ئىدىيۋى كۈرەش ئارقىلىق، ئۇلاردىن بىر خىلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ يېتەكچى مۇددىئا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرىكەت مۇددىئاسى بەلگىلىنىدۇ.
مۇددىئا شەخسى ئېھتىياجنى ئاساس قىلىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: (1) ئېھتىياجنىڭ ھەممىسىدىنلا مۇددىئا شەكىللىنىۋەرمەيدۇ.مەسلەن، كىشىدە خىلمۇ خىل، ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياج بولىدۇ، لېكىن شارائىت چەكلىمىسىدىن ھەممە ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلۇشى مۇمكىن بولمىغاندا، ھەممىلا مۇددىئانىڭ شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. (2) ھەممىلا مۇددىئا ئېھتىياجدىن بارلىققا كېلىۋەرمەيدۇ. مەسلەن، شەخسىدە ھېچبىر ئېھتىياج بولمىسمۇ، پەقەت سىرتتىن بولغان تەسىر تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭدا مەلۇم خىلدىكى پائالىيەت مۇددىئاسى شەكىللىنىشى مۇمكىن.
مۇددىئا شەخسنىڭ ھەرىكىتى، پائالىيىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ شەخسنىڭ پائالىيىتىدىكى ئاڭلىقلىق، مايىللق ۋە تللاشنى بەلگىلەيدۇ. مۇددىئا سەۋىيىنىڭ يۈكسەك، تۆۋەنلىكى ۋە كۈچلۈك - ئاجىزلىقى شەخسى پائالىيەتنىڭ سۈپىتى، سەۋىيىسى ۋە ئۈنۈمنى بەلگىلەيدۇ. مۇددىئا توغرىسىدىكى نەزەرىيە مەسلىسىنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت، شەخسى ھەرىكەت بىلەن شەخسلەر ھەرىكىتى ئارىسىدىكى پەرقنى توغرا چۈشەندۈرۈش، مەسئۇلىيەتنىڭ تەۋەلىكى بىلەن ئېغىر - يېنىكلىكىنى پەرق ئېتىش، تەربىيە، ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئۇنى قوللىنىپ يېتەكچىلىك قىلىش، بولۇپمۇ رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇئەييەن مۇددىئا بىلەن شەخسنى مەلۇم ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ياكى ئۇنڭدىن ساقلىنىپ كۆزلىگەن مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
yòng yì ,yì tú ,dòng jī dòng jī
用意,意图,动机
ئۇنىۋېرسال
考虑基点
kǎo lǜ jī diǎnDقانۇنشۇناسلىق
动机
dòng jīDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
意图
yì túDتەنتەربىيە
动机
dòng jīDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
动机
dòng jīDھەربىي
意图
yì túDمائارىپ
动机
dòng jīDجامائەت خەۋپسىزلىكى
动机
dòng jī