UyghurMain Dictionary
مۇددەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋاقىت؛ ۋاقىت ۋە زاماننىڭ مەلۇم بىر قىسمى:
زەلىلى مۇددەتىدۇر ئەل كۆزىدىن بولدى نا پەيدا،
ئىمامنى خوتەننىڭ چارباغىدىن سوراغىم بار.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلەپ قويۇلغان ۋاقىت، چەك قويۇلغان ۋاقىت.
<مۆھلەت>، <سۈرۈك> پۈتتۈرۈشكە ياكى قايتۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ۋاقىت.
<ئىددەت> ئەردىن چىققان خوتۇننىڭ ھامىلدار ياكى ھامىلدار ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چەكلەنگەن ۋاقىت.
ئىشقا ياراپ قالسا ئىلىمىڭ بىر مۇددەت، يەنە ئاشۇرۇشقا قىلغىن ست شىددەت. قەرزنى قەرەلىدە قايتۇر. ئىددەت تۇتۇش ياخشى ئادەت. سۈرىكى توشقان نەرسىنى ۋەدە بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ۋاقىتنىڭ ئېنىق بىرەر ئىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بۆلىكى؛ قەرەل.
ئۇزۇن مۇددەت. قىسقا مۇددەت.