Chinese→UyghurMain Dictionary
木村荣
دۇنيا تارىخى
كىمۇرا ساكايى
(1870 - 1943) ياپونىيىلىك ئاسترونوم. مېخانىكا دوكتۇرى. 1892 - يىلى ئىمپېرىيە داشۆسى (كېيىن توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىگە ئۆزگەرتىلگەن) پلانىتلار كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1899 - يىلدىن باشلاپ مىزوساۋا پاراللېللار تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە 1922، 1935 - يىللىرى خەلقئارا پاراللېللار تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1926 - يىلى ئىمپېرىيە باكالاۋر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پاراللېللار ئۆزگىرىش فورمىلىسىدىكى z تۈرىنى (كېمۇرا تۈرى) نى تاپقانلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. 1937 - يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئوردىنى بېرىلگەن.