Chinese→UyghurMain Dictionary
木本植物
بىئولوگىيە
ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك
غولىنىڭ ئىچىدىكى ياغاچلىق قىسىم تەرەققىي قىلغان، ياغاچقا ئايلانغان ھۈجەيرە پوستى كۆپرەك بولغان ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ سۈپىتى قاتتىق بولۇپ كۆپ يىل ئۆسىدۇ، ئۈزلۈكسىز ئۆسىدىغان كېيىنكى ئۆسۈشى بولىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىر قىسىم قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە كىرىدۇ، تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن پاپوروتنىكلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ياغاچ غوللۇق بولىدۇ. ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى ئاساسىي غولى تىك، ئۆسۈملۈك تۈپى ئېگىز، يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك ئورۇندا شاخلىنىپ دەرەخ تاجى ھاسىل قىلىدىغانلار دەرەخ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قارىغاي، شەمشاد، تېرەك، قارىياغاچ قاتارلىقلار؛ ئاساسىي غولى ئېنىق ئەمەس، ئۆسۈملۈك تۈپى پاكار، يەر باغىرلاپ شاخلىنىدىغانلار چاتقال دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تاۋۇزەك چاتقىلى، يەسىمىن، قۇتلۇق گۈل قاتارلىقلار.
تەبىئىي جۇغراپىيە,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
mù běn zhí wù
ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكDئورمانچىلىق
mù běn zhí wù
ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك، ياغاچ غوللۇقلارDئۇنىۋېرسال
mù běn zhí wù
ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر