Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېتتېرنى تۈزۈمى
Domain: دۇنيا تارىخى梅特涅制度
méi tè niè zhì dù
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20 - 40-يىللىرىدا ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىدە يولغاقويۇلغان ئەكسىيەتچىل سىياسىي تۈزۈم. ئۇنىڭ ئىجراچىسى باش ۋەزىر مېتتېرنى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى ئاۋسترىيىدىكى فېئودال ئاق سۆڭەكلەرگە ۋە چوڭ پۇل مۇئامىلە بۇردۇئازىيىسىگە تايىنىش ھەمدە ئىككىسىنىڭ كۈچ جەھەتتىكى تەكشىلىكىنى ساقلاش، بيۇروكرات سىياسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەرنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقسىزلىقنى قوزغاپ، ئۇلارنى بىر - بىرىنى ئىسكەنجىلەپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ، بۇنداق دۈشمەنلىشىشتىن <تەرتىپ> ۋە <نىسپىي تىنچلىق> ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.