Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىتو ئىلمى
دۇنيا تارىخى
水户学
shuǐ hù xué
ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە مىتو ۋاسساللىقىدا بارلىققا كەلگەن بىر تۈۈلۈك ئىلىم - پەن سىستېمىسى. 1665-يىلى (ياپونىيە كۋەنۋىن بەشىنچى يىلى) مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپونىيىگە كۆچۈپ بارغان جۇشۇنشۇ (1600 - 1682) مىتونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى توكۇگاۋا مىتىسكۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئېدو مىتۇ ۋاسسالىقىغا بېرىپ جۈزى تەرىقەت ئىلمىنى ئۆگەتكەن، دارىلئۇلۇمدا سالنامە يېزىشقا قاتناشقان كىئوروشى يوروئىرو (1621 - 1698) قاتارلىق ئالىملارغا قارىتا خېلى تەسىر كۆرسەتەن. كېيىن دارىلئۇلۇمنى مەركەز قىلغان بىر خىل ئىديىۋى سىستېما بارلىققا كەلگەن. بۇ ئئورۇننىڭ لېدىرى فۇجىتايوكۇ (1774 - 1826) تارىخ يېزىشتا سىياسىي بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان. توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاسسال بېگى توكڭگاۋانارىئاكى دەۋرىدە فۇجىتايۇكۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن دۇڭخۇ بىلەن ئازىۋا ياسۇشى ( 1826 - 1774) قاتارلىقلار ۋاسساللىق ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھنى ھۆرمەت قىلىپ، ياتلارنى چەتكە قېقىشنى تەشەببۇس قىلغان، مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن تەسىر ئاجىزلاشقان. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا ئوڭ قانات ئۇنسۇرلاr ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.