UyghurMain Dictionary
مېتازوئالار
بىئولوگىيە
كېيىن پەيدا بولغان ھايۋانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ پروتوزا (ئاددىي ھايۋان) لارغا نىسپىي ئاتالغۇ. كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، <كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پروتوزالاردىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي ئاتالغۇ. ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم دېيىلىدىغان ھۈجەيرىنىڭ تۇخۇم بۆلۈنۈش، خالتىلىق تۆرەلمە، دەسلەپكى ئۈچەيلىك تۆرەلمە قاتارلىق بىر تۇتاش جەريانلاردىن ئۆتۈپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىدىن يېتىلگەن. تۆرەلمە قەۋەتلىرىگە دېففېرېنسىيىلىنىدۇ.