UyghurMain Dictionary
مېتاننى ئوكسىدلىغۇچى باكتېرىيە
بىئولوگىيە
پەقەت مېتان ۋە ئاز ساندىكى باشقا بىر كاربونلۇق، بىرىكمىلەر (تەركىبىدە C - C بېغى بولمىغان بىرىكمىلەر) نى بىردىنبىر كاربون مەنبەسى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان باكتېرىيىلەر تۈركۈمى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك بولۇپ، مەخسۇس ئوكسىگېن خالايدۇ. تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شارسىمان، تاياقسىمان ۋە يايسىمان قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ، بەزىلىرى سىرتتا ئۆسىدىغان سپورا ھاسىل قىلىدۇ، بەزىلىرى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىگە ئوخشاش سپورا خالتا تۈزۈلۈشىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېلېكترونلۇق، مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزەتكەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇرەككەپ ئىچكى پەردە سىستېمىسى بولىدۇ. تۇپراق ۋە سۇغا كەڭ تارقىلىدۇ.