—Reference
مېتال پۇلنى ئەڭ كۆپ يۇتۇۋالغان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1958 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ سېدگېفېلد باش دوختۇرخانىسى بىر ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان: ئۇلار 54 ياشلىق بىر ئەر كىشىنىڭ ئاشقازىنىدىن يېرىمپېنىسلىق مېتال پۇلدىن 366 يېرىم دانە، ئالتە پېنسلىقتىن 26 دانە، ئۈچ پېنىسلىقتىن 17 دانە ۋە 11 دانە پېنسىن، تۆت دانە شىللىڭ (جەمئىي 424 دانە مېتال پۇل)، ئۇندىن باشقا 27 پارچە سىم بولۇپ، جەمئىي 2.296 كىلوگرام نەرسىنى ئېلىۋەتكەن.