Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىسترال
Domain: دۇنيا تارىخى米斯特拉尔
mǐ sī tè lā ěr
(1889 - 1957) چىلىك شائىرە. ئەسلى ئىسمى لۇسلا گودوي ئالكاياگا. نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1912 - 1918-يىللىرى چىلىنىڭ ئاندېس يېزىلىق قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلىق قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى بولغان. 121-يىلى تەكلىپكە بىنائەن مېكسىكىغا بېرىپ، مېكسىكىنىڭ مەكتەپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ياردەم بەرگە. كېيىن چىلىنىڭ ئامېرىكا، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونۇسۇلى بولغان ھەمدە چىلىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق شېئىرلار توپلاملىرىدىن: <ئۆلۈم ھەققىدىكى ئون تۆت مىسىرا>، <غېرىبسىنىش>، <مۇلايىملىق>، <تىكەنلىك دەرەخ>، <ئۈزۈم سىقىش ماشىنىسى> قاتارلىقلار بار. مىسترال 1945-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.