Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىسسىسىپى دەرياسى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر密西西比河
mì xī xī bǐ hé
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان چوڭ دەريا. ئەگەرئ ۇنىڭ تارمىقى بولغان مىسسورى دەرياسى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6262 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ ئۇزۇنلۇقتا دۇنيادا ئامازون، نىل، چاڭجياڭدىن قالسا 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆلىمى دۇنيادا ئامازون، كونگو دەريالىرىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئاساسىي تارمىقى بولغان مىسسورى دەرياسى روككى تاغلىقلىرىنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرىدىن باشلىنىپ مىسسىسىپى دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئاخىرى مېكسىكا قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ دەريانىڭ ئاساسىي قىسمى ئا ق ش دىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ قاتناش تورىنى ھاسىل قىلىدۇ. مۇسسىسىپى دەرياسى قاناللار ئارقىلىق شىمالدىكى بەش كۆل رايونى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ 40 دىن ئوشۇق تارمىقىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ سۇ قاتناش مۇساپىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ دەريا ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان مال پۈتۈن ئا ق ش دىكى دەريا، كۆل، قاناللار ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان مالنىڭ 41% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.