UyghurMain Dictionary
مىسىر جىھادچىلار تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتى بولۇپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى قۇرۇلۇپ، ئۇزۇنغىچە مەخپىي ھالەتتە تۇرۇپ، 1978 - يىلى چالا ئاشكارا پائالىيەت باشلىدى. مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئاسيۇت ئۆلكىسىنى پائالىيەت مەركىزى قىلدى. بۇنىڭ ئەزالىرى بۇرۇنقى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەسەبىي ئادەملىرىدىن باشقا، كۆپىنچىسى ياش ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئىدىيىدە سەئىد قۇتۇب ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىنى ئاللا پۈتۈۋەتكەن، بۇ تارىخ بەش دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. ھازىر ئاخىرقى دەۋر يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرغان <ئۇممە> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرىدۇر. شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان چاقىرىققا ئەمەل قىلىپ، ئاللانىڭ قانۇنىغا پەرۋا قىلمايدىغان، كاپىرلار چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى جىھاد بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىشى كېرەك؛ مەڭگۈلۈك جىھاد جاھىلىيەت جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر؛ ئىپلاس ھۆكۈمران بىلەن ھەمكارلىشىش گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. <كېڭەش يىغىنى> ئالىي رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە <يېتەكچى ئورگانلار> تەسىس قىلىنىپ، ئۇرۇش بۆلۈمى، ئارقا سەپ بۆلۈمى، تەشۋىقات، يولغا قويۇش ۋە تەتقىق قىلىش تارماقلىرى ئىشلەيدۇ. قول ئاستىدا قورال - ياراغ، داۋالاش، تەربىيىلەش، ئاخبارات، قۇرۇلۇش، تېخنىكا قاتارلىق تارماقلىرى بار. ئۇلار ئارمىيە، ساقچى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەخپىي سىڭىپ كىرىشنى ئاساسلىق پائالىيەت شەكلى قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنىڭ پۇرسىتىنى كۈتىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى 1981 - يىلى 11 - ئايدا زۇڭتۇڭ ساداتنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانۇنسىز تەشكىلات، دەپ بېكىتتى ھەم ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى.