UyghurMain Dictionary
مىسقال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، تەخمىنەن 4.68 گرامغا تەڭ.
ئەڭ يەڭگىل، ئەرزىمەس نەرسە:
كەففەدۇر گەردۇنى ھەم ھەجرىم يۈكىنى چەكسەلەر،
ئەرز جىرمى ئۇل تەرازۇ ئىچرە بىر مىسقال ئېكىن.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى.
«گىر» ئاشلىق ئۆلچەيدىغىنى.
تارازا ئېغىر - يېنىكلىكىنىڭ ئۆلچىمى، ئەمەلىيەت - ھەق ناھەقلىقنىڭ سىناق تېشى. ئادىل سۆز - ئەقىلنىڭ تارازىسى. جىڭنىڭ گۆشى _ جىننىڭ گۆشى. جىڭدا توختايدىغان گەپنى قىل. مىسقالدا ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ پەرقى يوق.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان پارسچە پۇل بىرلىكى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى غۇلجىدا بىر مىسقال 20 تىيىن، بەش مىسقال بىر سوم (تەڭگە) ئىدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مىسقال - پارس تىلىدىكى سۆز بولۇپ، پۇل ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <مىسقال - ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ بىرى. قەدىمدە ئۇ دىرھەمنىڭ 3 /1ىگە تەڭ، يەنى 5.4 گرامغا تەڭ ئىدى> (<ئوكيانۇس> )تۈركچە(، Ⅲ توم، 1984 - بەت) دېيىلگەن. پارسلاردا ئۇ كونا مىسقال، يېڭى مىسقال دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىر يېڭى مىسقال 10 گرامغا، بىر كونا مىسقال 4.5 گرامغا تەڭ، 400 مىسقال بىر چارەك بولىدۇ. شىنجاڭدا بىر مىسقال 10 /1 سەرگەڭ يەنى 4.68 گرامغا تەڭ. ئۇ يەنە پۇل بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئەرەبچە
ئوندىن بىر سەرگە، يەنى 4.68 گىرامغا تەڭ بولغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.
سۇغا سالسام سۇ كۆتۈرمەس، مىسقال تۆمۈرنى. ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس، قالغان كۆڭۈلنى.