Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېسوپوتامىيە
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
美索不达米亚
měi suǒ bú dá mǐ yàDتارىخ
美索波塔米
měi suǒ bō tǎ mǐ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
美索不达米亚
měi suǒ bú dá mǐ yà
غەربىي ئاسىيادىكى تىگىر ھەم ئىفرات دەريالىرى ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ ئاساسىي قىسمى ئىراق تەۋەسىگە، ئاز قىسمى سۈرىيىنىڭ شەرقىي، ئىراننىڭ كارولىن دەريا بويلىرى ھەم كۋريتىنىڭ بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز - پەس بولۇپ، جەنۇبقا بارغانسېرى پەسىيىپ بارىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مېسوپوتامىيە ئىراقنىڭ مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونى، بۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى خورما ئۆستۈرۈشكە بەك قولاي، شۇڭا ئىراق خورما ئۆستۈرۈشتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
دۇنيا تارىخى
美索不达米亚
měi suǒ bú dá mǐ yà
بۇ <ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى جاي> دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى يۇنانلىقلار ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى جايلارنى شۇنداق دەپ ئاتىغان. بۇ ئىككى دەريا ئېفرات دەرياسى بىلەن تىگر دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ھەر ئىككىسى ھازىرقى تۈركىيىدىكى ئەرمىنىيە ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ (قەدىمكى زاماندا تۆۋەنكى ئېقىمى پاراللېل ئېقىپ پارس قولتۇقىغا قۇيۇلاتتى). بۇ جاي ھازىرقى ئىراق جۇمھۇرىيىتىگە تەڭ كېلىدۇ. مېسوپوتامىيىنىڭ شىمالىي ئاسسۇرىيە، جەنۇبىي بابىلۇنىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ بابىلۇنىيىنىڭ شىمالىي ئاككاد، جەنۇبىي سۇمبر دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى دەريادا ھەر يىلى قەرەللىك تاشقىن بولۇپ، تۈزلەڭكلىككە مۇنبەت لاتقا ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق. بىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىلىرى سۇمبرلار بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار مېسوپوتامىيە ۋادىسى رايونىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئىكەن. كېيىن سېمولار كېلىپ، بابىلۇن، ئاسسۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان.