Uyghur←ChineseMain Dictionary
مشېل كونستانتى
بىئولوگىيە
米氏常数
mǐshìchángshù
ياكى Km ئېنزىملىق رېئاكسىيە تېزلىكى (U)، ئەڭ يۇقىرى رېئاكسىيە تېزلىك (Vmax) نىڭ يېرىمىغا يەتكەن ۋاقىتتىكى ئاساسىي ماددىنىڭ قويۇقلۇقى يەنى مىشېل كونستانتى (Km) بولۇو، ئۇنىڭ بىرلىكى لېتر (L) / مول (M). Km - ئېنزىملارنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك بىر كونستانتى بولۇپ، ئۇ پەقەت ئېنزىملارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قويۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. ئوخشىمايدىغان ئېنزىملارنىڭ Km قىممىتى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئۇرىيە ئېنزىمىنىڭ 25mM، ئالما كىسلاتا ئېنزىمىنىڭ 0.05 mM. ئەگەر مەلۇم ئېنزىم ئاساسىي ماددا A، B، C لارغا بىردەك تەسىر قىلسا، ئۈچ خىل Km قىممىتى بولۇپ، Km قىممىتى ئەڭ كىچىك بولغىنى شۇ ئېنزىمنىڭ تەبىئىي ئاساسىي ماددىسى بولىدۇ. Km / 1 ئېنزىمىنىڭ بىرىكىش كۈچىنى تەقرىبىي ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدۇ، Km / 1 قانچە چوڭ بولسا، ئەڭ يۇقىرى رېئاكسىيە تېزلىكىنىڭ يېرىمىغا يەتكەن ۋاقىتتا كېرەك بولىدىغان ئاساسىي ماددا قويۇقلۇقى شۇنچە تۆۋەن بولۇپ، بىرىكىش كۈچىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەكسچىمۇ شۇنداق بولىدۇ.