Uyghur←ChineseMain Dictionary
مېشىكوۋ
Domain: دۇنيا تارىخى孟考拉
mèng kǎo lā
(1673 - 1729) روسىيە مارشالى. مىراقۇلنىڭ ئوغلى. پېتر ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن غەربىي ياۋروپاغا زىيارەتكە چىققان. 1703-يىلى ئىنگېرمانلاندىيە (كېيىنكى چاغلاردىكى پېتېربۇرگ ئۆلكىسى) نىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كالېس دېگەن جايدا شۋېتسىيە ئارمىيىسىنى يوقاتقان؛ پولتاۋا جېڭىدە ئارمىيىنى باشلاپ شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ سول قانىتىنى تارمار كەلتۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قالدۇق ئارمىيىسىنى پېرېۋولوجنا ئەتراپىدا تەسلىم قىلدۇرغان. ئىكى نۆۋەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى (1718 - 1724، 1726 - 1727-يىللىرىغىچە) بولغا. يېكاتىرىنا Ⅰ زامانىسىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەرگەن. پېتېر Ⅱ زامانىسىغا كەلگەندە نەزەردىن چۈشۈپ قالغان. 1727-يىلى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. سىبىېرىيىدە ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.