UyghurMain Dictionary
مىڭشېڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جامائەت ئالدىدا قازانغان ئىشەنچ، نام - نېشان، ئېتىبار.
«ئىناۋەت» نىڭ سالمىقى ئىشەنچتە.
«ئابرۇي»، «يۈز» نىڭ سالمىقى نام - نېشاندا.
«مىڭشېڭ» بەزى ماقالىدا تۇراقلاشقان ۋە بەزەن ئېغىز تىلىدا ئۇچرايدۇ.
ئابرۇينى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات. ئابرويۇڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا. ھەر كىمنىڭ ئىناۋىتى ئۆز قولىدا. ئىناۋەت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. ئىناۋەتنىڭ تۈگىگىنى ئەينەكنىڭ چېقىلغىنى. ئۇ يۈزى بار، يۈزى چوڭ ئادەم. پۇ تاپقىچە يۈز تاپ. ھارۋا سۇنسا سۇنسۇن، مېڭىشېڭ كەتمىسۇن.