UyghurMain Dictionary
مىرزا ھامۇت ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
1878 - يىلى ياقۇب بەگنىڭ 14 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى شىنجاڭنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىرزا ئەھمەت ۋاڭنىڭ ئوغلى مىرزا ھامۇت ۋاڭنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىدا چىنۋاڭلىق ئۇنۋانى بېرىپ، ئارىلىقتا قېلىپ قالغان نەچچە يىللىق ئىش ھەققى ئۈچۈن يامبۇ، كۈمۈشلەرنى تۆلەپ بېرىدۇ. مىرزا ھامۇت ۋاڭ ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايەتلىرىنى سوراپ 11 - يىل ۋاڭلىق قىلىدۇ. («تارىخىي ھەمىدىيە» دىن ئېلىندى).