UyghurMain Dictionary
مېرىمدې مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
مىسىرنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى مەدنىيىتى. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جەنۇبىدا قاھىرە ئەتراپىدىكى مېرىمدېدا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ يەردىن بىسىغا چاقماق تېشى ئورنىتىلغان ياغاچ ئورغاق، ئۇزۇق ئايرىش ئەسۋابلىرى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ساپال قاچىلار، شۇنىڭدەك كالا، قوي، چوشقا ئۇستىخانلىرى تېىپلغان. تاشتىن ئىشلەنگەن ئەسۋابلار ۋە قوراللار خېلى نەپىس ئىشلەنگەن. تۇرالغۇ جاي ئىچىدە كېسەكتىن ۋە قومۇچتىن ياسالغان دۈگىلەك شەكىلدىكى كىچىك ئۆيلەر بار. ئەرلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە مال بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئاياللار ساپال قاچىلاردا تاماق پىشۇرغان، كانپتا كىيىم تىككەن. مېرىمدې باسقۇچىدىكى يېڭى تاش قوراللار مەدەنىيىتىگە ئاساسەن تەڭ كېلىدىغان ئەھۋاللارنى ئارخېئولوگلار يۇقىرىقى، تۆۋەنكى مىسىرىدن كۆپلەپ تاپقان.