UyghurMain Dictionary
مىرجافار
دۇنيا تارىخى
(1691 - 1765) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسى بېنگال ناۋابى (ھۆكۈمرانى، 1757 - 1760، 1763 - 1765). بېنگال ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، پلاسېي جېڭىدە ئەنگليە ئارمىيىسىگە ئاستىرتىن ياردەم بېرىپ، ھىندىستان ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئىنگلىزلارنىڭ يۆلىشى بىلەن بېنگالنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە 24 <پارگانا> (يەنى ناھىيە) زېمىنىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن، 17 مىليون روپىيىدىن كۆپرەك پۇل تۆلىگەن ھەمدە 1757-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى شەرتنامە تۈزۈپ ئىنگلىزلارغا بېقىنغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيە بىلەن يېڭى ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالاپ، ئەنگلىيىنىڭ تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلغان، قوشۇننى قىسقارتىپ، ئەنگلىيە ئاشتۇزى سودا چېگرا بېجىنى تۆۋەنلەتكەن، ئەنگلىيىگە زور مىقداردا ئۇرۇش خىراجىتى تاپشۇرۇپ، بېنگال ئىقتىسادىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان.