UyghurMain Dictionary
مىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەمىر سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلى:
ئەيا ساقىيا، مىرى رەۋشەن، زەمىر،
نەۋائى لەقەب، نام بىر ئەلىشىر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۆرە، رەئىس، ھاكىم، باشلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەسەل ھەرىسى گۈللەرنىڭ شىرنىسىدىن ياسايدىغان تاتلىق نەرسە.
ئاغزىدىن بال تېمىپ تۇرىدىغان، ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان. ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار، گۈلنىڭ تىكىنى. تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر.
دۇنيا تارىخى
(1) پارسچە Mir ياكى Meer نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. موغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئاتىلىشى ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئاساس سالغۇچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاتاشتىمۇ قوللانغان. سەئىد بىلەن مەنىسى ئوخشاش. ھىندىستاندا قەبىلە باشلىقلىرى ياكى يولباشچىلىرىمۇ بۇ نامنى قوللانغان. (2) رۇسچە МИР نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. Ⅹ Ⅴئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە رۇس يېزا جامائەسىنى كۆرسىتىدۇ. يېزا باشلىقىنى يېزا جامائەسى ئەزالىرى سايلاپ بەرگەن، تېرىلغۇ يەر جامائەسى قەرەللىك تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن، باج - سېلىقنى كىشى بېشىغا چېچىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يېزا - كەنت كېڭەشمىسى يېزا جامائەسىنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنى قىلىنىپ، ھەرخىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. 1861-يىلىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى، دېھقانلارنى بوغۇپ تۇرۇش ۋە بىر تۇتاش باج يىغىۋېلىشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بال، ھەسەل