Chinese→UyghurMain Dictionary
摩震
دۇنيا تارىخى
موجېڭ
چاۋشىيەننىڭ كېيىنكى ئۈچ بەگلىكىنىڭ بىرى. يەنە تەيفىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىللا پادىشاھىنىڭ جەمەتى گوڭ يى قۇرغان. مىلادى 892-يىلى (ئايال پادىشاھ جېڭشېڭنىڭ 6-يىلى) گۇڭ يى لياڭجى قوزغىلاڭچى ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى تەختكە چىققان. 904-يىلى موجېڭ دېگەن دۆلەت نامىنى قويغان. 911-يىلى دۆلەت نامى تەيفېڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. پايتەخت تېيۈەندە تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ تەۋەلىك دائىرىسى يېرىم ئارلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بولۇپ، شىمالدا پىخىنيان ئەتراپلىرىغىچە، جەنۇبتا شياڭجۇغىچە بولغان. 918-يىلى ۋاڭ جيەن گۇڭ يىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، دۆلەت نامىنى كورىيە دەپ ئۆزگەرتكەن.