Chinese→UyghurMain Dictionary
墨西哥远征
دۇنيا تارىخى
مېكسىكىغا يۈرۈش قىلىش
1862 - 1867-يىللىرى فرانسىيىنىڭ تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى دېگەننى باھانە قىلىپ مېكسىكىغا يۈرگۈزگەن قوراللىق مۇداخىلىسى. 1862-يىلى 1-ئايدا ئەنگلىيە، فرانىيسە، ئىسپانىيە، كەينى - كەينىدىن مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، مېكسىكا خەلقىنىڭ باتۇرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 4-ئايدا ئىچكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن، ئەنگلاخيە بىلە ئىسپانىيە قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن. ناپالېئون Ⅲ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. 1863-يىلى 6-ئايدا مېكسىكا شەھىرىنى بېسىۋالغان. ئىككىنچى يىلى ئاۋسترىيىنىڭ كىنەزى ماكسىمىليان (1832 - 1867) نى مېسكىكا پادىشاھى قىلىپ تۇرغۇزغان. مېكسىكا خەلقى خوئارېزنىڭ رەھبەرلىكىدە، بەش يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، 1867-يىلى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان، ماكسىمىلياننى ئۆلتۈرۈپ مېكسىكا شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغان ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەم مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان.