Uyghur←ChineseMain Dictionary
موشوشو
دۇنيا تارىخى
莫舒舒一世
mò shū shū yí shì
(1786 - 1870) موشېئۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى باسۇتو پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان پادىشاھ. باسۇتونىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1818-يىلى بىرنەچچە بېپۇنا قەبىلىسى ئىتتىپاق تۈزۈپ، تابابوسىئۇ تاغلىق رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئاستا - ئاستا باسۇتو مىللىتى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەنگلىيە بىلەنب ۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان. 1843، 1845-يىللىرى ئىككى نۆۋەت ئەنگلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، ئەنگلىيە ئۇنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 1868-يىلى پادىشاھلىق ئەنگلىيىنىڭ ھاىميلىقىغا ئۆتكەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، 1871-يىلى پادىشاھلىق كاپې مۇستەملىكىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.