Uyghur←ChineseMain Dictionary
مورز
Domain: دۇنيا تارىخى莫尔斯
mò ěr sī
(1791 - 1872) ئامېرىكىلى تېلېگراف كەشپىياتچىسى. ماسسا چۇسېتىس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1810-يىلى يالې داشۆسىنى پۈتتۈرگندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە بېرىپ، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1823-يىلى نيۇ - يوركتا سەنئەت سارىيى قۇرغنا. 1826 - 1842-يىللىرى مەملىكەتلىك سۈرەتچىلىك سارىيىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. 1832-يىلىدىن تارتىپ تېلېگرامما ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقلا نيۇ - يورك داشۆسىدە سەنئەت ۋە لايىھىلەش پروفېسسورى بولغان. 1837-يىلى نيۇ - يوركتا ئۆزى ياساپ چىققان ئېلېكترو ماگنىتلىق تېلېگراف ئاپپاراتىنى ئىشلىتپ كۆرگەن. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن 1844-يىلى ۋاشىنگتون بىلەن بلتىمور ئارىلىقىدا تەجرىبە خاراكتېرلىك تېلېگراف لىنىيىسى (تەخمىنەن 64 كىلومېتىر) قۇرۇلۇپ، خەۋەرلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىققان. ئۇ يەنە مورزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كودنى كەشپ قىلغان، بۇ كود ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.