UyghurMain Dictionary
مورى ئاكىمى
دۇنيا تارىخى
(1819 - 1871) ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ناگاسو ۋاسساللىقىنىڭ خوجىسى. ئەسلى ئىسمى چىڭچىن بولۇپ، كېيىن ئاكىمىغا ئۆزگەرتكەن. 1837-يىلىدىن باشلاپ غوجىلىققا ۋارىسلىق قىلغان. 1838-يىلىدىن باشلاپ مۇراتاكىيوتويو (1783 - 1855) نى ئىشلىتپ، ۋاسساللىق سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا باشلىغان. رانگاكۇ ئىلمىنى (غەرب پەن - تېخنىكىسى) تەتقىق قىلىشقا ئىلھام بەرگەن. غەربنىڭ توپ - زەمبىرەك تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلغان. 1849-يىلى پۇقرالارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرگەن. 1861-يىلى پۇقرالارنىڭ مائارىپ ئىشلىرنى يۈكسەلدۈرگەن. 1861-يىلى ناگاي تادا (1819 - 1863) نى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ ئوردا ۋە شوگناتنىڭ <دېڭىز قاتناش كەلگۈسى ستراتېگىيىسى> تاكتىكىسىنى قوللىنىشىنى تەكلىپ قىلغان. 1863-يىلى شەخسەن ئۆزى ئەجنەبىيلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئاتلىنىپ، ئالدى بىلەن شىمونوسېكىدە چەت ئەل پاراخوتلىرىنى توپقا تۇتقان. شۇ يىلى 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزگىرىشىدە، ئۇنىڭ پايتەختكە كىرىشى مەنئى قىلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئوردا دەۋرازىسى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1867-يىلى شوگناتقا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىش مەخپىي يالىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدىكى ئەمىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1869-يىلى سۇيۇرغاللىق ۋە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ياماگۇچى ۋاسساللىقىنىڭ ھاكىمى بولۇپ شۇ يىلى 6-ئايدا خىزمىتىدىن چېكىنگەن.