Uyghur←ChineseMain Dictionary
مورتىللېت
Domain: دۇنيا تارىخى莫尔蒂那
mò ěr dì nà
(1821 - 1898) فرانسىيىلىك ئارخېئولوگ، دارۋىنىزمچى. 1848-يىلىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي ئەربابى بولۇپ، شۇ يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1863-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كونا تاش قوراللىرى دەۋرى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1866-يىلى ئۇنىڭ تەشەببۇس بىلەن تۇنجى خەلقئارا تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلار ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.1868-يىلى سېن. گىللېمان مۇزېيىنىڭ باشلىقى بولغان، 1878-يىلى ئانتىروپولوگى شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ياۋروپادىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بويىچە، كوناتاش قوراللىرى دەۋرىنى سارى، موست، سولۇت، ماگدا لېنېين قاتارلىق دەۋرلەرگە بلالگەن <مورتىللېت يىلنامىسى> نى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن باشقا ئالىملارنىڭ تولۇقلىشى بىلەن بۇنداق ئايرىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭ <تاش قوراللىرى دەۋرىنىڭ دەۋلەرگە بۆلۈنۈشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.