UyghurMain Dictionary
مورفوگېنېز
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ يەككە يېتىلىشى جەريانىدا پەيدا بولۇشى ۋە بارلىققا كېلىشى. جانلىقلارنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ياكى باشقا ھۈجەيرىدىن ئۆسۈپ بەلگىلىك مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە يەككە تەنىگە ئايلىنىشى بىر قاتار سىرتقى شەكىل ۋە ئىچكى قىسىمدىكى تۈزۈلۈش ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، تۆرەلمە تۆرەلمە يىلتىز، تۆرەلمە بىخ، پەللە يوپۇرماق، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق قاتارلىق قىسىملارغا دىففېرېنسىيىلىنىدۇ؛ تۆرەلمە يىلتىز ئۆسۈپ يىلتىز سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ تۆرەلمە بىخ ئۆسۈپ غول، يوپۇرماق، كېيىن يەنە گۈل، مېۋە ھازىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ھەر بىر جەريان ھۈجەيرە، توقۇلما، ئورگان، پۈتۈن گەۋدە قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش بولمىغان سەۋىيىدىكى مۇرەككەپ ھەم قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنىڭ مېخانىزمى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، تەجرىبە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا، كۆپ خىل پەنلەرنىڭ بىلىمى ۋە ۋاسىتىسدىن پايدىلىنىپ ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىشقا ھەمدە سۈنئىي كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر پەن - تەجرىبە مورفولوگىيىسى بارلىققا كېلىدۇ.